شىركەت ھەققىدە

شىركىتىمىز 2001-يىلى 1- ئايدا ئاپتونوم رايون ۋە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەرنىڭ غەمخورلۇقى ئاستىدا قۇرۇلغان، نۆۋەتتە پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە بىردىنبىر يۈرۈشلەشكەن تەرجىمە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان نوپۇزلۇق شىركەت بولۇپ، پۈتۈن شىنجاڭدا 10230 جايدا تورلاشقان پونكىتى بار. 2004- يىلى ئاقسۇ شۆبە شىركىتى، 2006- يىلى خوتەن شۆبە شىركىتى، 2012- يىلى يىل بېشىدا قەشقەر شۆبە شىركىتى، يىل ئاخىرىدا غۇلجا شۆبە شىركەتلىرى قۇرۇلغان. شىركىتىمىزدىكى مۇقىم خىزمەتچى خادىملار 130 نەپەر، سىرتتىن تەكلىپ قىلىنغان نوپۇزلۇق ئالىي تەرجىمان 326 نەپەر بولۇپ، نەزەرىيە سەۋىيەسى يۇقىرى، ئەمەلىي تەجرىبىسى مول بولغان تەرجىمە قوشۇنىغا ئىگە. 103 نەپەر مۇقىم تەرجىماننىڭ ئىچىدە تەھىرىر، ئالىي تەرجىمانلار كۆپ قىسىمنى ئىگەللىگەن. شىركىتىمىز دۇنيادىكى 120 خىلدىن ئارتۇق تىلنى تەرجىمە قىلىش، تور بەت ياساش، تەكشىلىكتە لايىھىلەش، بەت ياساش، باسمىچىلىق، تاشقىي سودا، ۋاكالىتەن ۋىزا بېجىرىش قاتارلىق كەسىپلەرنى ئاساس قىلغان بولۇپ، مىللىي تىل-يېزىق تەرجىمە بۆلۈمى، چەتئەل تىلى تەرجىمە بۆلۈمى، لايىھەلەش بۆلۈمى، كەسپىي ئىشلار بۆلۈمى، مەمۇرىيەت بۆلۈمى، بازار بۆلۈمى، مالىيە بۆلۈمى، باسما زاۋۇتى قاتارلىق فونكىسيەلىك بۆلۈملەر تەسسىس قىلىنغان. شىركىتىمىزنىڭ تەرجىمە خىزمەت دائىرىسى ھەرخىل ھۆججەت، خەت-چەك، ئىسپات، كىنىشكا، توختام، سوت ھۆكۈمى، ئەرزنامە، ئىلتىماس، دوكلات، قائىدە-تۈزۈم، چاقىرىق قەغىزى، مەھسۇلات چۈشەندۈرۈلۈشى، تور بەت، ئېلان سۆزى، كىتاب- ژورنال، سودا ئۇچۇى، شىركەت – ئورگان تەشۋىقات ماتېرىياللىرى، ۋىۋىسكا-تامغا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

باسما زاۋۇتىمىز

شىركىتىمىز قارىمىقىدىكى باسما زاۋۇتىمىز گېرمانىيەنىڭ خىيدىنبوۋ باسما ئۈسكۈنىلىرىنى كىرگۈزگەن بولۇپ، ھەرخىل رەڭلىك – رەڭسىز باسمىچىلىق ئىشلىرىنى ئەرزان باھادا چىقىرىمىز. تەشۋىقات ۋارىقى، ئىسىم كارتىسى، شىركەت چۈشەندۈرۈش كىتابچىسى، مەھسۇلات ئېلان تەشۋىقاتى، ھۆججەت، تالون، كىتاب، ماركا، قاپ، قەغەز خالتا، باغاق، ئارخىپ خالتىسى، قاتارلىقلارنى سۈپەتلىك، ئۆلچەملىك قىلىپ بېسىپ چىقىرىپ، خېرىدارلار ئۈچۈن ئەلا مۇلازىمەت قىلىمىز، باسما زاۋۇتىمىزدا باسقۇزغان ھەرقانداق بىر باسىمىنى ھەقسىز لايىھىلەپ بېرىمىز. ھەمدە ھەقىسز يەتكۈزۈپ بېرىمىز.

ئادرېسىمىز